خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ شىۋېتسىيە پۇقرالىقىدىكى خىتاي زىيالىيسى، يازغۇچى گۇي مىڭخەينى شىۋېتسىيە دىپلوماتلىرى ئالدىدا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كېتىشى شۋېتسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىنى قوزغىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى گۇي مىڭخەينى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى. 27-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇي مىڭخەينى قايتا تۇتۇش ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەمكارچىلىرىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە كىشىلىك قەدرى-قىممىتى جەھەتتە ئورتاق پرىنسىپقا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقچىلىرى ۋە رايوندىكى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
2015-يىلى تايلاندتىن خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن شىۋېتسىيە پۇقراسى گۇي مىڭخەي ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، نىڭپو شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ شەھەردىن ئايرىلماسلىقى بېكىتىلگەن ئىدى. ئۇ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇ شۋېتسىيە دىپلوماتلىرى بىلەن بىرلىكتە پويىزدا بېيجىڭغا قاراپ ماڭغاندا، پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن شىۋېتسىيە دىپلوماتلىرى ئالدىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
يازغۇچى گۇي مىڭخەي 2004-يىلى خىتايدىن ئايرىلىپ، شۋېتسىيەگە بېرىپ يەرلەشكەن ۋە شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان ھەم خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ئىدى. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى گۇي مىڭخەي ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ چەتئەل تەۋەلىكىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى ئائىلە-جەمەتىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.