خىتاي خاككېرلىرى ساختا سىگنال ئەپى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان

تەتقىقاتچىلار خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىنىڭ ساختىلىرىنى ياساش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

«فوربېس» (Forbes) ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، تور بىخەتەرلىكى شىركىتى ESET نىڭ تەتقىقاتچىلىرى «GREF» دەپ ئاتالغان خاككېرلارنىڭ سىگنال (Signal) شەخسىي ئۇچۇر ئەپىنىڭ ساختا نۇسخىسىنى گۇگۇل ئەپ دۇكىنى Google Play گە يوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنكەن.

«سىگنال» ئەپىنىڭ ساختا نۇسخىسى سىگنال پلوس (Signal Plus Messengerر) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ سامسۇڭ تېلېفونلىرىنىڭ گالاكسىي (Galaxy) ناملىق ئەپ دۇكىنىدىمۇ بار ئىكەن. ESET تەتقىقاتچىسى لۇكاس ستېفانكو (Lukas Stefanko) «فوربېس» قا قىلغان سۆزىدە، «سىگنال پلوس» دەپ ئاتالغان ۋە قانۇنلۇق نۇسخاسى بىلەن ئوخشاش ئىشلەيدىغان ساختا «سىگنال» ئەپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى جاسۇسلۇق قىلىش، دېگەن. ئۇ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى بۇ ساختا «سىگنال» ئەپىدە كۆرۈلگەن كودنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى نىشانلىغان باشقا ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلگەن كود بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ستېفانكونىڭ «فوربېس» قا دېيىشىچە، «يامان غەرەزلىك ‹سىگنال پلۇس ئەپى› كومپيۇتېر ۋە ئايپەدكە باغلىنىش ئىقتىدارىنى قوللانغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىپ ئارقا كۆرۈنۈشتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ھېساباتىغا يۆتكىيەلەيدىكەن. قوللانغۇچى بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالىدىكەن.

ستېفانكونىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ مەخپىي ھالدا «ئاپتوماتىك ئۇلىنىش» ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ «سىگنال» ئىغا جاسۇسلۇق قىلغان تۇنجى ئەھۋال ئىكەن.

ستېفانكونىڭ «فوربېس» قا دېيىشىچە، ئۇ ئوخشاش خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە Google Play ۋە Samsung Galaxy ئەپ دۇكىنىدا مەۋجۇت بولغان «Flygram» ناملىق يامان غەرەزلىك «تېلېگرام» ئەپىنى ياساپ چىققانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنىمۇ تاپقان. ستېفانكونىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېلىگرام» ئەپىدىكى گۇرۇپپىلىرىدا كەڭ ھەمبەھىرلەنگەن ئىكەن.

«فوربېس» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «بۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يېڭى بىر ھۇجۇم دولقۇنىمۇ؟» دەپ سوئال قويغان. چۈنكى ساختا «سىگنال» ئەپى بەلگىلىك شەخسلەرنى نىشانلىغان بولسا، «فلايگرام» ئەپى نۇرغۇن تېلېفونلارغا سىڭىپ كىرگەن، ئۇنىڭ كەم دېگەندە 13 مىڭ 953 قوللانغۇچى تەرىپىدىن قوزغىتىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.