ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان چېگرا ھالقىغان زۇلۇم ۋە ھۇجۇملىرى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ بىرى 3-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى نىشان قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتى 3-نويابىر كۈنى نامەلۇم خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھەمدە پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تور بەت يۈزىدىكى بارلىق مەزمۇنلار ئۆچۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەرلىرى چاپلاپ قويۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس بۇ ھەقتە X(تىۋىتتېر) بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تور ھۇجۇمىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشتەك ياۋۇزلۇقلىرىنى پاش قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلارنى باستۇرۇپ قويۇش ۋە كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا «ئەركىنلىك سارىيى»، شېففېيلد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق ئورۇنلار كۆپلىگەن دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە گۇۋاھلىق يىغىنلىرى چاقىرغان ئىدى. «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر يېقىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مۇشۇنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.