ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە قويغان ئوخشىمىغان بەلگىلىمىسى دىققەت قوزغىماقتا


يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم بېسىپ تارقاتقان بىر قوللانمىدا مۇسۇلمانلارنىڭ يوقىرى ئاۋازدا «ئامىن» دەپ دۇئا قىلماسلىقى ھەمدە «ھەممە نەرسىگە ھالال ياكى ھارام دەپ چەكلىمە» قويماسلىقى بەلگىلەنگەن.

ۋىلايەت نوپۇسىنىڭ 98 % پىرسەنتىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى تەشكىل قىلىدىغان خوتەن رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە دەخىل - تەرۈز قىلىدىغان بۇ خىل چەكلىمە جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا.

ۋاھالەنكى، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىندا مۇسۇلمانچە «ھالال» يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىشتا چىقارغان بىر بەلگىلىمىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا.

سىنا تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىشنى نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى چىقارغان. ئۇنىڭدا نىڭشيادىن ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە چوقۇم «نىڭشيا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىسپات بەلگىسى» () چاپلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، نىڭشيانىڭ خىتايدىكى بىردىن - بىر مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىسپات مەركىزى ئىكەنلىكى، نىڭشيا چېگراسى ئىچىدە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەيدىغان ھەرقانداق شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ بۇ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى شەرت ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر جانلىق ئىسپاتى دەپ قارىماقتا.