بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلغان «ھالال» بەلگىلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە ئىجرا بولۇشقا باشلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانلار رايونى بولغان نيۇجې كوچىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا جايلاردىكى كۆپلىگەن رېستوران ۋە دۇكانلارغا ئېسىلغان ئەرەبچە «ھالال» دېگەن خەتلەرنىڭ سويۇۋېتىلگەنلىكى ياكى ئاق قەغەز بىلەن كۆرۈنمەس قىلىپ قاپلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن. دۇكان خوجايىنلىرى بولسا بۇنىڭ يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ بىرقىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دەررېن بايلېر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلچە ئېلېمېنتلارنى كونترول قىلىش قىيىن، دەپ قارىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى،» دېگەن.
«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى، ئىسلام ۋەھىمىسىگە قارشى ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچى س. ج. ۋېرلېمەن بۇ ھەقتە تورلارغا ئۇچۇر يوللاپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى مەدھىيەلىگەن 11 مۇسۇلمان دۆلىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەبچە ‹ھالال› دېگەن خەتنى مەنئى قىلىشىدىن نومۇس ھېس قىلىۋاتقانمىدۇ؟» دېگەن.