ئۈندىداردا كەڭ تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى «‹ھالاللىقنى كېڭەيتىۋېتىش›كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش» چوڭ يىغىنى ئاچقان.
يىغىندا پۈتكۈل شەھەردىكى تەپتىش سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ «ھالاللىقنى كېڭەيتىۋېتىش»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ليۇ مىڭ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى «قەتئىي ماركىسىزىمچى-لېنىنىزىمچىلاردىن بولۇش»، «ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق»، «جېنى چىقىپ كەتسىمۇ بايرىقى روشەن ھالدا ‹ھالاللىقنى كېڭەيتىش›كە قارشى تۇرۇش» ھەققىدە قەسەم قىلىشقا تەشكىللىگەن. شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ئىلشات ئوسمان نۆۋەتتە كەڭ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان «دوستۇم، مەن ئۈچۈن ھالال رېستوران ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ!» سەرلەۋھىلىك ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان ھەمدە تەپتىش سىستېمىسىدىكى كادىرلارنى «پان تۈركىزم» ۋە «پان ئىسلامىزم» ئىدىيەلىرىنىڭ زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشنى تەلەپ قىلغان.
يىغىن ئاخىرىدا بۇنىڭدىن كېيىن تەپتىش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىردەك قەتئىي ئاتىئىزىمچىلاردىن بولىدىغانلىقى، ھېچقانداق دىنىي ئېتىقادتا بولمايدىغانلىقى، ھەرقانداق جايدا خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغانلىقى، يېمەك-ئىچمەكتە ھالال-ھارام چۈشەنچىسىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، «ھالاللىق چۈشەنچىسىنى كېڭەيتىۋېتىشكە قارشى تۇرۇش» كۈرىشى دەسلەپ مەھسۇلاتلاردىكى «ھالال» دېگەن خەتنى يوقىتىشتىن باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە «ھالال» دېگەن ئۇقۇمنى تەكىتلەشمۇ مەنئى قىلىنماقتا ئىكەن.