رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر 1-ماي كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدىكى «ئالى» تورتخانىسىنى ئۇرۇپ-چاققان تۇڭگانلاردىن 11 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى شىنىڭ شەھىرىدە جۈمە نامىزىدىن قايتقان تۇڭگان جامائىتى چوشقا مېيى ئىشلەتكەن «ئالى» تورتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇرۇپ-چاققان.
«ئالى» تورتلىرى «ھالال» ماركىسى چاپلىغان زەنجىرسىمان تاتلىق-تۇرۇم شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدا 40 تىن ئارتۇق شۆبە دۇكىنى بارلىقى مەلۇم.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنىڭ تېلېۋىزىيىسى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، «ئالى» تورتلىرىدا چوشقا مېيىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ بۇ ھەقتە ئالاھىدە بايانات بېرىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەرقايسى دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغدايدۇ» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالى» تورتلىرى ۋەقەسى قوزغىغان زىلزىلىنىڭ تۇڭگان، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىدا تېخىمۇ زور قارشىلىق پەيدا قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.