تېد يوخو: «خىتاي ‹ھاقارەتلىك ئىككىنچى ئەسىر› گە يۈزلەنمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.26

خىتاي تارىخىدا «ھاقارەتلىك بىر ئەسىر» دېگەن ئاتالغۇ ھەرقاچان 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ مەزگىلدە چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرى دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن خىتاينى سورىغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خىتاينىڭ «ھازىرقى زامان» غا يۈزلىنىشى ئوتتۇرىغا چىققان. 25-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تېد يوخو «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىدا خىتاينىڭ «ھاقارەتلىك ئىككىنچى ئەسىر» گە يۈزلىنىۋاتقانلىقى جانلىق ۋە پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق «ھاقارەتلىك بىر ئەسىر» چەتئەل كۈچلىرىنىڭ زورلىشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى شى جىنپىڭنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن بۇيان بۇ خىلدىكى «ھاقارەتلىك يېڭى ئەسىر» قايتىدىن باشلانغان. ئۇ «خىتاي چۈشى» شوئارى ئاستىدا «خىتاينى قايتىدىن گۈللەندۈرمەكچى، شۇ ئارقىلىق ھاقارەتلىك يۈز يىللىق تارىخنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلانماقچى» بولغان. ئەمما ئۇنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدىكى «ئىككى يىغىن» دىن كېيىن «يېڭى رول تۇتقۇچى» نامىنى ئېلىشى بىلەن ئۇنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ئورنىتىلغان. يەنە كېلىپ بۇ نوپۇز خىتايدىكى ھەرقانداق شەيئىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل خىتاينىڭ بىر شەخسنىڭ قولىدا ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخى باشلانغان.

تېد يوخونىڭ بايان قىلىشىچە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ھاياتى ئۈچۈن تەرتىپ بەلگىلەپ بەرگەن. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ تۈپلۈك ئاساسى بولغان سۆز ئەركىنلىكى، سىياسىي ھەقلەر، ئاخبارات ئەركىنلىكى، تور ئەركىنلىكى دېگەنلەرنى شى جىنپىڭ پۈتۈنلەي تارتىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن يەر شارى نوپۇسىنىڭ 18 پىرسەنتى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە مۇپتىلا بولغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي بايلىقلىرىنىڭ خاراب قىلىۋېلىشى، يەنە ئۇيغۇرلار دىيارىدا غايەت زور كۆلەملىك لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، شۇنداقلا ھەر بىر شەخسنىڭ ھەر بىر ئۇششاق ھەرىكەتلىرىگىچە نازارەت ئاستىدا بولۇشى ھەقىقىي مەنىدىكى «ئورۋېلچە جەمئىيەت» ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ماقالىدا يەنە شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ئىشلار، سودا مۇناسىۋەتلىرى، دېموكراتىيەلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە توختىماستىن يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپلا قالماستىن، يەنە بۇ ئۇسۇلنى «تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بەكمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مودېل» دەپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى تېخىمۇ قەبىھلىك ھېسابلىنىدىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا «شى جىنپىڭ مۇشۇ شەكىلدە پادىشاھقا ئايلاندى. ئەمما بۇ پادىشاھنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى يېقىندا پۈتۈن دۇنيا تونۇپ يېتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.