ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» ناملىق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى 15-يانۋار (چارشەنبە) كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
ئۇلار پىرېزىدېنت بايدىنغا يازغان ئوچۇق خېتىدە، ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپدىشى ئادۋوكات رەيھان ئەسەتنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە پىرېزىدېنت بايدىننىمۇ بۇ ھەرىكەتنى قوللاشقا دەۋەت قىلغان.
ئۇلار خېتىدە مۇنداق دېگەن: «سىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىنىڭىزغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا بىز، سىزنىڭ شى جىنپىڭدىن ئەكبەر ئەسەتنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىشىڭىزنى ھەمدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. »
ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى 20-فېۋرالدىن 15-مارتقىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پىروگراممىسى» غا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكادىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 2020-يىلى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ھەدىسى، ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
«خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى» بايدىنغا يازغان خېتىدە يەنە، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش بارلىقىنى ئەسكەرتىپ «مىليونلىغان ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەر دەل بىز ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيتتۇر. » دەپ يازغان. ئۇلار ئاخىرىدا پىرېزىدېنت بايدىننى ئەكبەر ئەسەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلغان.