ئايدىن ئەنۋەر: «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ھەجدىن توسىدۇ؟»

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن شارائىتى يار بەرگەنلىرى ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرھىزنىڭ بىرى بولغان ھەج تاۋاپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەزكۇر پائالىيىتى داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك توسقۇنلۇقلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئايدىن ئەنۋەر دۇنياغا ئانچە بىلىنمىگەن مانا مۇشۇ ئەھۋالنى قەلەمگە ئېلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

«تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە دۇنياسى» ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئايدىن ئەنۋەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى تۈرلۈك بېسىملار، ھەج قىلىشتىكى قاتتىق سىياسىي چەكلىمىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىدە دىننىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش، شۇ ئارقىلىق بايلىققا تولغان بۇ كەڭ زېمىننى تەنھا ئىگىلىۋېلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن» دەيدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە سابىق سىياسىي مەھبۇس ئادىلنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن مىساللار كەلتۈرۈش ئارقىلىق، دىنغا چېتىلىپ قالغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قايسى يوسۇندىكى قىيناقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە دۇنياغا مەلۇم بولغان ئەھۋاللارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.