ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرماقتا

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2012-يىلىدا مەخسۇس تارقاق ھەج پائالىيىتىنى قاتتىق توسۇش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ تارقاق ھەج قىلىشنى توسۇش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر بەلگىلىمە ھەر دەرىجىلىك ئورۇن ۋە مەسچىتلەرگە تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجىگە بېرىشى ھەسسىلەپ قىيىنلىشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونىدىكى بىر كوچىغا چاپلانغان ھەج خىزمىتى پاش قىلىش تېلېفونى مانا بۇ قاتتىق كونترول خىزمەتلىرىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇر بىز تورى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بۇ سۈرەتتە ئۈرۈمچى مىللىي ئىشلار كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتى، سايباغ رايونلۇق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرى بېرىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى توسۇش ئۈچۈن تارقاق ھەجنى توختىتىش نامىدا تەدبىر ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، مەھەللە كومىتېتلىرى، كوچا ئىش باشقارمىلىرى، رايوندىكى مەسچىت ۋە ئامما بىرلىكتە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە تارقاق ھەج پائالىيىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش، تارقاق ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە قاتناشماقچى بولغانلارنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلىش، قاتتىق چارە كۆرۈش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ كەلدى. بۇ خىل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەجىگە بېرىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا.