ئالىكساندىر: «رۇسىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى جۇڭگوغا قارىتىلغان»

رۇسىيەنىڭ 12-ئىيۇل باشلىنىپ 21-ئىيۇل ئاياغلاشتۇرۇش پىلانلانغان زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى سېبىر‏، يىراق شەرق ۋە ساخالىن ئارىلى قاتارلىق جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ مانېۋىرنىڭ ئۆزىنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىگە رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئاناتولىي ئانتونوف 15-ئىيۇل كۈنى مەلۇم بىر چەتئەل ھەربىي ئەمەلدارىغا كاپالەت بېرىپ، مانېۋىرنىڭ مۇنتىزىم ئۇرۇش مەشىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھەم ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بۇ مانېۋىرنىڭ رۇسىيەنىڭ قورال كۈچىنى نامايان قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ يىراق شەرقتىكى قوشنا دۆلەتلىرىدىن ياپونىيە ۋە خىتايغا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى» موسكۋادىكى مۇستەقىل ھەربىي تەھلىلچى ئالكساندىرنىڭ «بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ قۇرۇقلۇق قىسمى جۇڭگوغا قارىتىلغان بولسا، دېڭىز ۋە ئاراللاردىكى قىسمى ياپونىيە ۋە ئامېرىكىغا قارىتىلغان» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسەتكەن.