كورلا شەھرى بۇ يىلمۇ يەنە «خەلقئارا ھەربىي ئ‍ويۇنلار مۇسابىقىسى» غا ساھىپخانلىق قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-23
Share

خىتاي خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش تەلەپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقتتا، بۇ يىلمۇ كورلا شەھرىدە «خەلقئارا ھەربىي ئويۇنلار مۇسابىقىسى» غا ساھىپىانلىق قىلغان.

2015-يىلى رۇسىيە تەرپىدىن تەسىس قىلىنغان ۋە ھەر يىلى ئىستىبدات دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلىپ كەلگەن بۇ ھەربىي مۇسابىقىنىڭ بەزى تۈرلىرىنى خىتاي ھەر يىلى كورلا شەھرىدە ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ مەزكۇر ھەربىي مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ 4-قېتىم كورلادا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر يىلى كورلادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاينىڭ مەزكۇر ھەربىي مۇسابىقىنى ئىزچىل تۈردە كورلاغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مەقسەدلىك بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق دۇنياغا سىياسى سىگنال بەرمەكچى ئىكەن. 2021-يىللىق «خەلقئارا ھەربىي ئويۇنلار مۇسابىقىسى» نىڭ كورلا مۇسابىقە رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 22-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا رۇسىيە، بېلۇرۇسىە، ئۆزبېكىستان، ۋېنىسۇئېلا، ۋېيتنام قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى قاتناشقان.

«خىتاي خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسابىقە 9-ئاينىڭ 4-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. بۇ جەرياندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ھەربىي قىسىملار «سۇۋوروف ھۇجۇمى»، «سۈزۈك ئاسمان»، «بىخەتەر مۇھىت» دەپ ئاتالغان 3 تۈردە 10 مەيدان ھەربىي ئويۇن كۆرسىتىدىكەن. بۇ يىللىق ھەربىي ئ‍ويۇنلار مۇسابىقىسى ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ چىققان، خىتاي تالىبانلاردىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت