28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بەش كۈندىن كېيىن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنجاڭ قىسىملىرىنىڭ قوماندانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىدىكى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسى قالدۇرىۋېتىلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقى شىنجاڭ گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ، 3 - نويابىر كۈنى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت پېڭ يوڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي كومىسسارى گېنېرال مايور ليۇ لېي تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى پېڭ يوڭنىڭ مەزكۇر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
59 ياشلىق پېڭ يوڭنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىگە ئىككى يىل بولغان، سىياسىي كومىسسار ليۇ لېي بۇ يىل 7 - ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىدى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتقا ئارتىپ، ئۇنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ بېكىتكەن ئىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ قىسىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى باشتۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، چۈنكى ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھېچقانداق دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتىگە ئىگە ئەمەس، مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر قوراللىق قىسىملارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.
