شىنجاڭ ھەربىي رايونى قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.11.07

خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال پېڭ يۇڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا گېنېرال ليۇ لېي ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

28-ئۆكتەبىر تيەنئەمېندىكى ۋەقە بولۇپ 5 كۈندىن كېيىن، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى گېنېرال پېڭ يۇڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. ئارقىدىن يەنە، گېنېرال پېڭ يۇڭنىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قومداندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

پىڭ يۇڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئېنىق سەۋەب كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 28-ئۆكتەبىردىكى ئوسمان ھەسەن باشلىق بىر ئائىلە ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى قاتتىق نومۇستا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە سەۋەبلىك پېڭ يۇڭنى جازالاپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.