باش شتابى ئامېرىكىدىكى ھېسس (HESS) نېفىت شىركىتى ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىكىگە مەبلەغ سالماقچى. «ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھېسس شىركىتى خىتاينىڭ دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھى بىلەن بۇ توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
خەۋەردە ھېسس شىركىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت بەلۋېغىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سېلىش كۆلىمى، تۇرى، مەبلەغ سوممىسى ۋە شەرتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن.
خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار مەزكۇر شىركەت بىلەن ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ كېلىشىم ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. بۇ بىر چەتئەل شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئەمەس.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت گۇرۇھىنىڭ نامەلۇم بىر چەتئەل نېفىت شىركىتى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت بەلۋېغىدا سلانېتس تېشىدىن نېفىت ئېلىش قۇرۇلۇشى باشلاش پىلانىنى تەستىقلىغان.
2012-يىلى خىتاينىڭ يەنە بىر دۆلەت ئىگىلىدىكى نېفىت شىركىتى: جۇڭگو نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ھەسسىدارلىق شىركىتىمۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىتلىكلەرگە چەتئەل مەبلىغى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.