بۇ يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرگە قاراتقان نازارىتىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
28-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇڭگانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتى بولغان شەنشى جامەسى قۇربان ھېيتلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى باشلىنىشتىن بۇرۇن نامازخانلارنىڭ بىردەك جامە قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
ئۈرۈمچىدىكى شەنشى جامەسى مەسچىت دائىمىي ھەيئىتى نامىدىن چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇلىدۇ. ئەتىگەن سائەت 8:00 دە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سائەت 8:30 دە ھېيت نامىزى باشلىنىپ 9:00 دا ئاخىرلىشىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر.»
ئۈرۈمچىدىكى شەنشى جامەسى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ نەنمېن، يەنى جەنۇبىي قوۋۇقتىكى تۇڭگانلار مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 1906-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلىرىگە قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي تەقىپنىڭ زادى قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.