ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ھىندونېزىيەدىكى مىڭلىغان مۇسۇلمان 21‏-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنىدىكى نارازىلىق نامايىشى جاكارتادىن باشقا ھىندونېزىيەنىڭ باندوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باشىلېت يېقىندا ب د ت نىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھلار پرېزىدېنت جوكو ۋىدودونىڭ ئۇيغۇرلارنى يېتەرلىك قوللىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. جۈمە كۈنىدىكى نامايىشتا رىداۋان ئابدۇل رىدو ئىسىملىك بىر نامايىشچى «ب د ت زۇۋان سۈرۈشى كېرەك، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى زۇۋان سۈرۈشى كېرەك. مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىك تۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، ھىندونېزىيە كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى سالامەت مائارىف بولۇپ، ئۇ نامايىشتا نۇتۇق سۆزلەپ ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى روھىنگالارغا ياردەم قىلغاندەك ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە ۋە ئۇلارنى قوللاشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 17‏-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.