فىرانسىيە ئالىي مەمۇرى سوتى مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجاپلىق سۇغا چۆمۈلۈشىنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلدى

فىرانسىيە ئالىي مەمۇرى سوتى جۈمە كۈنى فىرانسىيەنىڭ بەزى شەھەرلەردە يولغا قويۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجاپلىق سۇ ئۈزۈش كىيىمى‏-«بۇرقا» بىلەن دېڭىزغا كىرىشىنى چەكلەش قارارى «تۈپ ئەركىنلىك»كە خىلاپ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ئالىي مەمۇرى سوت، فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ھىجاپلىق سۇ ئۈزۈشنى چەكلىشى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈپ كىشىلىك ئەركىنلىككە ئېغىر ۋە ئېنىق خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قارار ھىجاپلىق سۇ ئۈزۈشنى چەكلىگەن 30 دىن ئارتۇق شەھەر ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ئىكەن. فىرانسىيە ئالىي مەمۇرى سوتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇرقا، چۈمبەل قاتارلىق ئىسلامى كىيىم پاسونلىرىنىڭ فىرانسىيەدىمۇ چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى بۇ خىل كىيىم پاسونلىرىغا قويغان چەكلىمىسىنى ئاقلىغان مەزگىلدە چىقىرىلدى.

يېقىندا «تەڭرىتاغ» تورى ئاياللارنىڭ ئورىنىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ ئورىنىۋېلىشنى چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق بىرلىكى، ئانتى ئىسلامىفوبىيە جەمئىيىتى قاتارلىق گۇرۇھلار ھىجاپلىق سۇ ئۈزۈشنى چەكلەشنى فىرانسىيە ئالىي مەمۇرى سوتىغا ئەرز قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى سوتنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا دىرېكتورى جون دالخۇزېن، «فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق بۇ بەلگىلىمىدىن ۋاز كېچىشى شەرت» دېگەن.