يېقىندا، ئەنگىلىيەنىڭ بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ۋە كامېرالىق كۆزىتىش ئىشلىرى كومىسسارى، پروفېسسور فرېيسېر سامپسون (Fraser Sampson) «خىكۋىژىن» (Hikvision) شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى دىرېكتورى جاستىن خوللىس (Justin Hollis) قا خەت يېزىپ، لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا قوللىنىلىۋاتقان بۇ كامېرانى ئىشلىتىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا شېرىك بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
24-ئۆكتەبىر كۈنى يېزىلغان بۇ خەت 30-ئۆكتەبىر كۈنى X (تىۋىتتېر) دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «خىكۋىژىن» شىركىتىنىڭ خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ۋاسىتىلىك رول ئويناۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدەك «بۇ كامېرا تېخنىكىسى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشتە قوللىنىلىۋاتىدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلامسىز؟ سىزنىڭچە، «خىكۋىژىن» شىركىتى ئۇ كامېرالارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئورنىتىلغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ؟» دېگەندەك ئېغىر سوئاللار قويۇلغان.
بۇ خەتتە يەنە، «خىكۋىژىن» شىركىتىنىڭ يۈز تونۇش تېخنىكىسى ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات بەرگەنلىكى، گەرچە ئەنگىلىيەنىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئىشلىتىش زۆرۈر بولسىمۇ، ئەخلاق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«خىكۋىژىن» شىركىتى 2017-يىلدىن تارتىپ لاگېرلارغا كەڭ-كۆلەمدە سولانغان ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا 2019-يىلى ئۇنىڭغا ئېمبارگو قويغانىدى. 2021-يىل ئەنگلىيە ئۇنى ھۆكۈمەت بىنالىرىدا ئىشلىتىشتىن چەكلىگەنىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئۇنى پارلامېنت بىناسىدىن چىقىرىپ تاشلىغانىدى.