دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات ئېلان قىلىپ Hikvision شىركىتىنىڭ يېڭى كۆزىتىش سىستېمىسىنى ئەيىبلىدى

14-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، Hikvision شىركىتى ياسىغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار جامائىتىنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە بۇ قىلمىشنى ئەيىبلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ‹قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى› قوزغاپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلدى ۋە چەكلىدى؛ دىنىي ساھەدىكى باستۇرۇش ۋە دەپسەندىچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە Hikvision شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە ھەمكارلىقى بولغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئۇچراۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدۇ. بۇ تەشكىلات مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك».

11-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىنتېرنېت كېلىشىملىك سىن بازىرى (IPVM) تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ دۆلەتلىك داڭلىق تېخنىكا شىركىتى Hikvision نىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي بويىچە «ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەكتەپ رايونى» قۇرۇش تۈرى بويىچە توققۇز مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى مەكتەپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا ئارقىلىق نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، «ئاز سانلىق مىللەت» ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار رامزاندا روزا تۇتقان دەپ گۇمان قىلىنغاندا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇنىڭ مۇھىم تالاش-تارتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.