2013-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ چىققان ئاكا-ئۇكا ئۈچ قېرىنداش ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىكى لاداخ يولىدا ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 2014-يىلى ھىندىستان سوتى ئۇلارنى «چېگرادىن پاسپورتسىز ئۆتكەن ھەمدە پىچاق ئېسىۋالغان» دېگەن جىنايەت بىلەن بىر يېرىم يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانىدى. يېقىندا بۇ قېرىنداشلارنىڭ تېخىچە ھىندىستان تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئايدىڭ بولغان.
«ئادىل پلانېتا» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا 20 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ئىسىملىك بۇ ئۈچ قېرىنداش ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ سىياسىي زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان مۇھەممەد شافى لاسسۇ (Muhammad Shafi Lassu) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ئۈچەيلەننىڭ خىتاي زۇلۇمى سەۋەبىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ۋە سوتچىلارغا كۆپ قېتىم ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەمدە ھىندىستانغا ماكانلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما بۇنىڭغا ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىدىم» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچەيلەن 2015-يىلى قاماق جازاسىنى تاماملىغان بولسىمۇ «ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى» بويىچە ئۇلارغا ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىمدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ كەلمەكتىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىزچىل قاماقخانىدىن چىقىرىلمىغان. يېقىندا ھىندىستان دائىرىلىرى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بولۇپمۇ ھىندى مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلغۇچى نارېندرا مودى (Narendra Modi) 2014-يىلى باش مىنىستىر بولغاندىن بۇيان ئىسلام ۋەھىمىسى ھىندىستاندا باش كۆتۈرگەن ھەمدە مۇسۇلمانلار جامائىتى كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك خاراكتېرىدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان. ھىندىستاننىڭ خاريانا شەھىرىدىكى قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى سۇراج گىرىجا شەنكېر (Suraj Girijashanker) ھىندىستاننىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھىندىستاندا سىياسىي پاناھلىق بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» (ب د ت) مۇساپىرلار كېڭىشىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ» دېگەن.
ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى بۇ ياشلارنىڭمۇ ئاشۇ خىل تەقدىرگە مەھكۇم بولۇش ئېھتىماللىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.