خىتاينىڭ ھىندىستان چېگراسىدىكى يەر ناملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىشى قارشىلىققا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.04.04

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستان-خىتاي چېگرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا تۇرىۋاتقان رايون تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ئورۇننىڭ نامىنى «ئۆلچەملەشتۈرۈش» ئۈچۈن خىتايچە نام بىلەن ئاتاشنى باشلىغان بولۇپ، شۇ قاتاردا تالاش-تارتىشتىكى ئارۇناچال پرادېش (Arunachal Pradesh) رايونىنى «زاڭنەن» (يەنى «جەنۇبىي تىبەت» ) دەپ ئاتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 90 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق بۇ رايوننى خىتاي ھۆكۈمىتى «قەدىمدىن تارتىپ بىزنىڭ تېرىتورىيەمىز بولۇپ كەلگەن» دەپ جاكارلىغان.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆردۇق. بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئەمەس. ئارۇناچال پرادېش رايونى تارىختىن بۇيان ھەم كەلگۈسىدە ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمى. خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسىم قويۇۋېلىشى بىلەن بۇ رېئاللىق ئۆزگىرىپ قالمايدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «نام قويۇش» ھەركىتى 2017-يىلىلا باشلانغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 21 ئورۇننىڭ نامىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى نام ئۆزگەرتىش قىلمىشى شەرقىي-شىمالدىكى رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان بىر قىسىم جايلاردىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.