ھىندىستان گېزىتى خىتاينىڭ تىبەتتىن ئۇيغۇر رايونىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى

ھىندىستاننىڭ بىر تور گېزىتى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ تىبەتتىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا سۇ باشلاپ، مەزكۇر رايوننى 2‏-خىتايغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھىندىستاننىڭ «ئاۋانگارت» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى مەزكۇر پىلان ئۈستىدە داۋاملىق باش قاتۇرماقتا ئىكەن.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنى بوغۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم سۈيىنى تونېل ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىغا باشلاش قۇرۇلۇشى لايىھەسىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

بىراق «ئاۋانگارت تورى» دىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سابىق خىتاي سۇ ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ شۇچېڭ 2006‏-يىلى ھىندىستان تەرەپكە يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنى بوغۇپ سۇ باشلاشنىڭ «زۆرۈرىيىتى، مۇمكىنچىلىكى ۋە ئىلمىيلىقى يوق» دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ھېچقاچان توسۇپ قالالمىغان.

ماقالىدا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ خاۋنىڭ بۇ يىل 29‏-مارت كۈنى «جەنۇب ھەپتىلىك گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بۇ پىلاننى بازارغا سېلىۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا قەيت قىلىشىچە، «شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ پروفېسسورى رېن چۈنلو بۇ قۇرۇلۇشنى قوللاۋاتقان يەنە بىر خىتاي مۇتەخەسسىسى ئىكەن.

ماقالىدا ئۇنىڭ «ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش ئەمەلگە ئاشسا، بۇ رايوندا يەنە بىر خىتاي پەيدا بولىدۇ،» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ماقالىدا يەنە خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تىبەت ئىگىلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ھۆل يېغىننى كۆپەيتىش ئۈچۈن غەلىتە سىناقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى تاغلارغا غايەت زور چوڭلۇقتىكى مەشلەرنى قويۇپ، كۆمۈر قالاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇشنى سىناق قىلغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەسلا ھېسابقا ئالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.