خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ھىندىستان تاراتقۇسىدا مۇھىم تېما بولغان
2022.06.14
يېقىندا ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىككى ئەزاسى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بولمىغۇر گەپ قىلىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىردىنلا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مۇسۇلمانلارنى ياقلايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىر ياندىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قەبىھ زۇلۇم سېلىپ، بىر ياندىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ياخشىچاق بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تورىدا ۋىدىيولۇق كۆرسىتىلگەن.
بۇ ۋىدىيودا ئۇيغۇرلارغا قەبىھ زۇلۇم سېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق «ئورتاق مەۋجۇتلۇق» تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ھىندىستاندىكى «پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلىش» مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ قالغانلىقى، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقان تۇرۇقلۇق ھىندىستانغا دەرس بەرمەكچى بولغانلىقى ئەيبلەنگەن.
بۇ ۋىدىيودا يەنە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭنىڭ: «خىتاي ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە دىنلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ھىندىستانغا تەربىيە قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇسۇلمانلار دۇنياسى ھىندىستاندىكى بۇ ۋەقەدىن قوزغىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى جىددىي ئىنكاسلار ۋە غەزەبلىك سادالار مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىغان. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك زامانىمىزدىكى بۇ زور پاجىئەگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرغانلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلغان. خىتاي بولسا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بۇ زىددىيەتلىك ئېيتىمدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىللىنىپ، ئىچكىي جەھەتتە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرسا، سىرتقا قارىتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ياخشىچاق بولۇپ كۆرۈنۈشتەك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» تاكتىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.