ھىندىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق ئۈچ نەپەر مۇخبىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
مالىيە ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇخبىرلارنىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا قارشى پائالىيەت قىلىدىغان گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىكەن.
يېڭى دېھلى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ مۇخبىرلىرىنىڭ ساختا ئىسىم بىلەن ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان كارناتاكا رايونىغا بېرىپ تىبەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ يولدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇلدىپ سىخ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ ژورنالىستلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ 4 ئاي ئاۋۋاللا توشۇپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ھىندىستاندىن ئايرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ پەقەت بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بەرمەسلىكنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا ھىندىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇلار ماقالىسىدە، ھىنىدىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە «بىزمۇ ھىندىستانلىقلارغا جۇڭگو ۋىزىسىنى ئېلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك» دېگەن جۈملىنى ئىشلەتكەن.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئۆز خەۋەرلىرىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش تارتىشتا تۇرۇۋاتقان زېمىن مەسىلىسى ۋە كەشمىر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان.