ھىندىستان-خىتاي چېگرا ماجىراسىدا خىتاي تەرەپنىڭ بەل قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.30

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا «خىتاي-ھىندىستان ھەربىي سۈركىلىشىدە كىم ئالدى بىلەن بەل قويۇۋەتتى؟» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەپتىلەردىن بۇيان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندىستاننى ئەيىبلەپ، يېڭى دېھلىنىڭ تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن رايوندىن شەرتسىز قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى. خىتاي بۇ جەرياندا: ‹بىزنى ئاجىز چاغلىما، ئەگەر لازىم تېپىلسا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىمىز› دېدى. ھالبۇكى، بۇ سۈركىلىشنىڭ نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى ئايان بولدى. بەل قويۇۋەتكىنى يېڭى دېھلى ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ بولدى.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن نۇقتىدىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن. ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ئەسكەر چېكىندۈرگەن ۋاقىتتا خىتايمۇ مەزكۇر رايوندا يول قۇرۇلۇشى قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۇنغان بىر تەكلىپ، يەنى «پرىنسىپلىق مەيدان» لايىھەسى بۇ قېتىملىق تارتىشمىدا قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭدا يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇتان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىكەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، ھىندىستان-خىتاي چېگرا سۈركىلىشى تىنچ يول بىلەن تىنچىغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ تاراتقۇلارغا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلغان.

خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاخباراتلىرىدا: «بۇ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا دىپلوماتىيەسىدە قولغا كەلتۈرگەن چوڭ بىر غەلىبىسى» دەپ داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتايدىكى تور كېزەرلىرى قاتتىق مەيۈسلىنىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھىندىستاننىڭ ئەسكەر چېكىندۈرگەنلىكى بىر پاكىت، ئەمما بىز تەرەپنىڭ بەزى قانۇنلۇق ھوقۇقلاردىن ۋاز كېچىپ، يول ياساش قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.