يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھىندىستان-خىتاي چېگرا ۋەزىيىتىدە 8-سېنتەبىر كۈنى يېڭى توقۇنۇش بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. «ئامېرىكا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ھىندىستان-خىتاي چېگراسىنىڭ لاداخ بۆلىكىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقلىرى ئېتىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 8-سېنتەبىردە بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي چېگرا قىسىملىرىنىڭ ھىندىستان ئارمىيەسىنى قانۇنسىز چېگرا سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكتە ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئەمما ھىندىستان ئارمىيەسى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان ھەمدە خىتاي قىسىملىرىنىڭ پوستتا تۇرۇۋاتقان ھىندىستان ئەسكىرىنى تۇتماقچى بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن «ھىندىستان ئارمىيەسى ئاۋۋال ئوق چىقارغان. بۇ 1975-يىلىدىن بۇيان ئىككى تەرەپ چېگراسىدا تۇنجى قېتىم ئوق ئېتىلىش ۋەقەسى» دېگەن. ئەمما ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، پولكوۋنىك ئامان ئاناند بۇنى ئىنكار قىلغان ھەمدە «خىتاي ئارمىيەسى قەستەن ئىۋغاگەرلىك قىلىپ بىزنىڭ چىشىمىزغا تېگىۋاتىدۇ» دېگەن.
ھازىرچە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ئوق چىقىرىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تىك-توك قاتارلىق كۆپلىگەن خىتاي ئەپلىرىنى مەنئى قىلغاندىن بۇيان بۇ خىل جىددىيلىك بارغانسېرى ئاشماقتىكەن.