خىتاينىڭ ئۆكتەملىكى ھىندىستاننى غەربكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.10.05

ھىندىستان بىلەن بىر مەھەل توقۇنۇشقان خىتاي بۇ يىلدىن باشلاپ ھىندىستانغا يېقىنلىشىش كويىدا «جەڭگى-جېدەلنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» شوئارى ئاستىدا دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھىندىستان يەنىلا غەربكە يېقىنلىشىش يولىنى تاللىغان.

«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگرا توقۇنۇشى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان، چۈنكى خىتاي 1951-يىل ھىندىستاننىڭ ھىمالايا رايونىدىكى چېگراسىنى قوشۇۋالغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2020-يىل 6-ئايدا خىتاي چېگرا مۇداپىيە ئەسكەرلىرى ھىندىستان چېگرا قوغداش ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغان، بۇ توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى، 4 خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھىندىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. 2022 يىل 3-ئايدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، چېگرا توقۇنۇشىنى تۈگىتىش، سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. 9-ئايدا خىتاي تەرەپ ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، لاداخ رايونىدىكى بىر قىسىم چېگرا بۆلىكىدىن چېكىنىدىغان بولغان.

خىتاينىڭ 2020-يىلى قىلغان ھۇجۇمى ھىندىستاننى چۆچۈتۈپ، خىتاينىڭ چېگرادىكى ھەرىكىتىگە سەگەك بولۇشقا باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان؛ خىتاينىڭ ھەر قانچە يېقىنچىلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي، ئۇنى «خەتەرلىك رىقابەتچى» سۈپىتىدە كۆرۈشكە باشلىغان. خىتاي ھىندىستان تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندە «چېگرا توقۇنۇشى» نى تىلغا ئالماسلىقنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ھىندىستان بۇ مەسىلىنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە كېلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا قىسىملىرىدىكى ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى رىقابىتى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا ئىكەن.

خىتايغا بولغان ئىشەنمەسلىك ھىندىستاننى غەربكە ماھىل قىلغان. ئۇلار ئەمدى خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا يۆلىنىپ قالماسلىق، ئىقتىساد، سودا ۋە ھەربىي جەھەتتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقدشلىرى بولغان ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.