ئارۇناچال رايونى خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى «قىزىق نۇقتا» بولۇپ قالدى
2021.10.14
ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي زېمىن داۋاسىدا ھىندىستاننىڭ شەرقىي-شىمالىدىكى ئارۇناچال رايونى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئۇنىڭ ئورنىنى لاداخ رايونى بىلەن ئوخشاش قىممەتتە، دەپ قارايدۇ. ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىكى تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان «مەكماخون لىنىيەسى» بىلەن چېگراداش بولغان بۇ رايوننى يېقىندا ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋېنكايا نايدۇ ئەپەندى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى «چېگرادا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان» غا چىقىرىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئارۇناچال رايونى ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىز ئۆزىمىزنىڭ زېمىنىنى زىيارەت قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىغا قارىمايمىز،» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم «سۆز ئۇرۇشى» باشلانغان.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 14-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان لاداخ رايونىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەت ئۆتكەن ھەپتە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. ئەنە شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ۋېنكايا نايدۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە ئارۇناچال رايونىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولغان ھەمدە ئارۇناچال ۋالىيسى بىلەن بىر قىسىم قۇرۇلۇش ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ زىيارەتتىن چىچاڭشىپ كەتكەن ھەمدە «بىز ھېچقاچان ئارۇناچال رايونىنى ھىندىستاننىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. بۇ جاي بىزنىڭ ئايرىلماس زېمىنىمىز بولغان تىبەتنىڭ بىر قىسمى. بۇنداق جاينى زىيارەت قىلىش پەقەت ئۆزئارا ئىشەنچنى سۇندۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زەخمەت يەتكۈزىدۇ،» دېگەن.
ھالبۇكى، ھىندىستان ئاخباراتىدا چوڭ خەۋەرگە ئايلانغان بۇ مەسىلە توغرىسىدا يېڭى دېھلىدىكى ئانالىزچىلار پىكىر قىلىپ: «بۇ ھال خىتاينىڭ بىزنى پۈتۈنلەي چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېگەن.