ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېگرا مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارىدۇ

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالمان خۇرشىدنىڭ چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالمان خۇرشىدنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستان چېگرىسىغا تەۋە جايغا كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تەخمىنەن 50 نەپەر خىتاي ئەسكىرى ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي كونترول سىزىقىدىن ھالقىپ، ھىندىستان زېمىنىدا چېدىر تىكىپ تۇرغاندىن كېيىن، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى خىتاينى ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلدى، دەپ خەۋەر قىلغان. ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىمۇ دەرھال شۇ ئورۇنغا بېرىپ ئۇ يەردە ھەر ئېھتىمالغا قارشى تەييارلىق قىلىپ، چېدىر تىككەن ئىدى.

ھىندىستان تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن بەرگەن باياناتىدا ۋەقەنى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان. ئەمما ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بارلىقىنى، شۇڭا چېگرا كرىزىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ 5 - ئايدا ھىندىستانغا كېلىدىغانلىقىنىمۇ دەلىللىگەن.

ئارۇناچال - پاراداش شتاتى ۋە كەشمىرنىڭ ئاقسايچىن رايونى ھىندىستان - خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ، بۇ يەردىكى چېگرا ئىختىلاپى 1962 - يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.