خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل كۈنى خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا مەسىلىسىنى بالدۇرراق تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇزۇندىن بۇيان بىر-بىرىگە رىقابەت، ھەتتا دۈشمەن دەپ قارالغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشچان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى قايتىدىن دىققەت قوزغىغان.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ھىندىستان بىلەن تالاش-تارتىشتىكى چېگرا مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەتنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ رايونلاردا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق رولىنى ئوينىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈنى يېڭى دېھلىدا خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئىشلىرى مەسلىھەت بېرىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورگىنىنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئۇلار ھىمالايا تېغى چېگراسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنى مەركەز قىلغان.
ھىندىستان ئامېرىكا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «تۆت دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقى» (QUAD) نىڭ، شۇنداقلا خىتاي باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىككى بۈيۈك كۈچ ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ بۇ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھىندىستان بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ «تىنچلىق» ئورناتماقچى بولۇشى، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى ئىتتىپاقنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا.
2020-يىل 6-ئايدا خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېغىر چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەن بولۇپ، «رويتېرس ئاگېنتلىقى» شۇ يىلى 20-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتايدىن ئاز دېگەندە 40 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.