ھىندىستان خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىپ،ئۇلارنىڭ مۆھلەت توشقان ھامان چېگىرىدىن چىقىپ كېتىشىنى بەلگىلىگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىزىسى ئۇزارتىلمىغان مەزكۇر ئۈچ كىشىنىڭ بىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ۋە بومبايدا تۇرۇشلۇق باشقا ئىككى مۇخبىرى ئىكەن.ھىندىستان تەرەپ بۇلارنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئۇزارتىلماسلىق سەۋەبىنى چۈشەندۈرمگەن.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ ھىندىستاندا تۇرغان ۋاقتى 7 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ئۈچ مۇخبىرنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئۇزارتىلماسلىقى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار ئوتتۇرىغا چىققان.
ھىندىستاندىكى بىر گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى ئىلگىرى ھىندىستاندىكى تىبەتلەر ياشايدىغان شەھەرگە بېرىپ، تىبەتلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىكەن.