«جاكارتا پوچتا گېزىتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھىندونېزىيەگە تېررورچى دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى

ھىندونېزىيەنىڭ «جاكارتا پوچتا گېزىتى» 22‏-دېكابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ھىندونېزىيەگە تېررورلۇق تەھدىت دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قاتتىق قول مۇئامىلىسىنى ھىندونېزىيە خەلقىغە ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكەن.

«يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك» تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى پاترىك مېيېر قەلەمگە ئالغان ماقالىدە: «نوپۇسى 220 مىليونلىق ھىندونېزىيەدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى باستۇرۇشىغا ناھايىتى سەزگۈر قارايدۇ، ھەتتا خىتايغا دوستانە بولغان ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا بەك ئىستەكلىك ئەمەس» دېيىلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

ماقالىدە، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھىندونېزىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن تەڭ. زور ئېھتىماللىق، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق كىشىلەرگە دەرھال ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەمەلدارنىڭ سۆزى ھىندونېزىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ماقالىدە، شۇنىڭ بىلەن خىتاي «ھىندونېزىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭنىڭ قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قىسىشى تامامەن ھەقلىق، ئۇيغۇرلار ھىندونېزىيەنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا لايىق ئەمەس» دېگەنگە قايىل قىلىش پېيىغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.