ھىندونېزىيەدىكى ئىككى چوڭ ئىسلام ئورگىنىنىڭ رەئىسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئانالىز يۈرگۈزۈۋاتىمىز» دېگەن.
«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوسېف دونوۋان ئۆتكەن ھەپتە ھىندونېزىيەدىكى ئىككى چوڭ ئىسلام تەشكىلاتى يەنى ناھلادتۇل ئۇلىما تەشكىلاتى ۋە مۇھەممەدىياھ تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا باش ئەلچىسى جوسېف دونوۋان مەزكۇر گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «مەن ناھلادتۇل ئۇلىما تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە 80 مىليون ئەزاسى بولغان بۇ تەشكىلاتنى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدىم» دېگەن.
ھالبۇكى، ناھلادتۇل ئۇلىما تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سەئىد ئاقىل سىراج 21-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ باھالاپ چىقىدىغانلىقى ئېيتقان. ئۇ «ئەگەر ئۇ يەردىكى مەسىلە ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولسا بىز بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز چىقىرىمىز. ئەگەر بۇ بىر سىياسىي مەسىلە بولسا ۋە ئۇلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ئىش بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى، ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر يىغىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئورگىنىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىدۇ» دېگەن.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئەلچىسى دونوۋان يەنە ھىندونېزىيەدە 30 مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان مۇھەممەدىياھ تەشكىلاتى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ ئوخشاش مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇھەممەدىياھ تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى ئابدۇل مۇتى ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بىز بۇ مەسىلىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولمىساق بولمايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «بۇ مەسىلىگە ناھايىتى دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلمىساق بولمايدۇ، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق پاكىت بولۇشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇلماسلىقىغا دىققەت قىلىشمىز كېرەك، چۈنكى بۇنداق ئەھۋاللار ھەممىلا يەردە يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ بۇ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون تىۋىتتىردا «ھىندونېزىيەدىكى بۇ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە يەنە قانداق ئىسپات لازىم» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.
بىنار خەۋەرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي ئاسىيادىكى تەتقىقات ئورگىنى بولغان «سىياسەت ئانالىز ئىنستىتۇتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا «خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكى ۋە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغاچقا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرگىنى بويىچە چۈشىنىشنى ۋە ئۇنى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى، دەپ قاراشنى تاللىۋالدى» دېگەن.
ئۇلار يەنە يۇقىرىدىكى 80 مىليونلۇق ئەزاسى بولغان ناھلادتۇل ئۇلىما تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىركىشىشى ئۈچۈن تاللىۋالغان سىياسىي تەشۋىقاتى» دەپ سەل قاراۋاتقانلىقىنى، بۇ ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئاساسەن ئىشىنىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.