ھىندونېزىيەدە بىر ئۇيغۇر تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 6 يىللىق كېسىلگەن

خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى نۇرمەمەت ئابدۇللا ئەلفارىسى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەھكۇم نۇرمەمەت ئابدۇللا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى بولغان ھىندونېزىيەدىكى باھرۇن نەيىم تەشكىلاتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جاكارتا ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈش ۋە بىر شىئەلەر مەسچىتىنى پارتلىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلماقچى بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سوتچى نوۋرىي تامي مەھكۇمنىڭ سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما خەۋەرلەردە، سوتتا نۇرمەمەت ئابدۇللانىڭ ئادۋوكاتى بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. نۇرمەمەت ئابدۇللا ئۆتكەن يىلى دېكابىردا جاكارتا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھىندونېزىيەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىدا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەللەرگە ئەركىنلىك ئىزدەپ چىققانلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇمغا قارشى چارە ئىزدەش مەقسىتىدە چەتئەللەردىكى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار بىلەن بىلىپ ياكى بىلمەي چېتىلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھىندونېزىيەنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىكى سەۋەب ۋە مەقسەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.