ھىندونېزىيەدە مۇسۇلمانلار نامايىش قىلىپ، جاكارتانىڭ خىتاي ۋالىسىنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

جۈمە كۈنى، ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا ئون مىڭلىغان تەقۋادار مۇسۇلمان ھىندونېزىيە پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئېتنىك خىتاي مىللىتىدىن بولغان جاكارتا ۋالىسى باسۇكى تاجا پۇرنامانىڭ ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نامايىشچىلار باسۇكى تاجا پۇرنامانىڭ قۇرئانغا ھاقارەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھىندونېزىيە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان دۆلىتى بولسىمۇ، ئەمما مۆتىدىل مۇسۇلمانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيەدە تەقۋادار ياكى رادىكال مۇسۇلمانلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك نامايىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇنداق زور كۆلەملىك نامايىش بۇرۇن كۆپ يۈز بېرىپ باقمىغان. جۈمە كۈنكى نامايىشنى «ئىسلام قوغدىغۇچىلار فرونتى» تەشكىلاتى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار جاكارتا ۋالىسىنىڭ «ئاللاھغا كۇپۇرلۇق قىلىش» تىن قولغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

باسۇكى تاجا پۇرناما بۇرۇن ھازىرقى پرېزىدېنتى ۋىدودو جاكارتا ۋالىيلىقىنى ئاتقۇرغان مەزگىلدە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان.

ئۇ، نوپۇسى 250 مىليونلۇق مۇسۇلمان دۆلىتى- ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتانىڭ تۇنجى ئېتنىك خىتاي مىللىتىدىن بولغان خرىستىئان ۋالىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ سۆزىدىن كەچۈرۈم سورىغان، ئەمما ساقچىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغان.

ھىندونېزىيە يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى غازاتچى گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلدى. 2002‏-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 202 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.