ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي باش ئەلچىسى شياۋ چيەننى دۈشەنبە كۈنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغان.
ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئارمانتا ناسىر چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىسىگە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىدا بېكىتىلگەن بىر ھوقۇقلىقىنى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھىندونېزىيەدىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە دىنى گۇرۇپپىلار بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. بۈگۈن ھىندونېزىيەدىكى «مۇھەممەدىيە» ناملىق بىر مۇستەقىل بىر ئورگان بايانات ئېلان قىلىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. شۇنداقلا تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېرەكلىك ئىنسانىي ياردەملەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ جاكارتادىكى ئەلچىخانىسىمۇ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان شۇنداقلا ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى ھەقىقىي چۈشىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.