ھىندونېزىيەدىن چىقىدىغان «كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ 7 - فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، يۈزلىگەن ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمان شىمالىي سۇماترا ئۆلكىسىنىڭ مېدان شەھىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىشى نامايىش قىلغان.
نامايىش 6 - فېۋرال جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۆلتۈرۈشى، باستۇرۇشى سۇمارتا ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.»
خەۋەردە كۆرسىتىشكە، نامايىشىنى ھىندونېزىيەدىكى «ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار جىھادى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان. نامايىشقا جۈمە نامىزىدىن يانغان نەچچە يۈزدىن ئارتۇق نامايىشچى ئىشتىراك قىلغان.
نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، نامايىش يېتەكچىلىرىدىن بىرى بولغان نۇرسارىئانتو ئىسىملىك بىر نامايىشچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تېررىتورىيەسىنى بېسىۋېلىپلا قالماي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۇرسارىئانتو مۇنداق دېگەن: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
نامايىشچىلار ئاخىرىدا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە چەكلىمىگە قويۇشقا چاقىرغان.