خىتاي يەنە «ئۈچ خىل كۈچ» سەپسەتىسىنى بازارغا سالغان ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلىگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-07-21
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ يىغىندا ئوتتاۋا شەھىرى كانادا-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە خادىمى لوررېن فاركاس «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈي گۇيشياڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى «بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، تېررورچىلار» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ «چەت ئەلدە ئۇرۇقى، شىنجاڭدا تۇپرىقى، توردا بازىرى» بارلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ تەھلىل قىلىشىمىزچە، بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ ئامىل بار: بىرىنچىسى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى بولغان، شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ چىقىشىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن؛ ئىككىنچىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورچىلار، مەسىلەن، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دېگەندەك تەشكىلاتلار بىر قىسىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىۋاسىتە پىلانلىغان، تەشكىللىگەن ۋە ئىجرا قىلغان؛ ئۈچىنچىسى، شىنجاڭدا تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرى، جىھات ئارقىلىق جەننەتكە كىرىش قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن».

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ يەردە ئۆز مەيدانى بىلەن بىردەك ياكى ئوتتۇرىدا تېڭىرقاپ قالغان چەتئەللىكلەرگە «ئۈچ خىل كۈچ» سەپسەتىسىنى تەشۋىق قىلغان؛ ئۆز خاتالىقى ۋە جىنايەتلىرىنى قىلچە ئېتىراپ قىلماي، مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىگە ئارتىپ قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، خىتاي تەشۋىقاتلىرى بۇ «ئۈچ خىل كۈچ» سەپسەتىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا تاڭغان تېررورلۇق قالپىقىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن. بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭمۇ ئاقمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىغا «تېررورچىلارنى قوللىغان باش جىنايەتچى» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىشقا باشلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت