قۇربان ھېيت ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش ‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› خىزمەت ئەترەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتكەن

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت پەيتى يېتىپ كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە كەنتلەرگە ئەۋەتكەن كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتكەن.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 20- ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن:«قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئاممىنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى».
خىتاي ھۆكۈمىتى 2014- يىلىدىن بۇيان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن نام ئاستىدا پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر مەخسۇس دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرگەن بۇ كادىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت نازارەت قىلغانلىقى، ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئارخىپلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا ئەۋەتىشتە مانا بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەنبە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېيت كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ نازارەتكە ئېلىش ۋە ھەرقانداق بىر كېلىشمەسلىككە قارشى تەدبىر ئېلىش مەقسىتى بىلەن بۇ «پايلاقچىلىرىنى» ئىشقا سالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.