ئۇيغۇرلارنى «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يۆتكەپ، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ زىچلىقىنى ئاجىزلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىلىرى» نى يۆتكىگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 16-مارت بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ جەرياندا 1 مىليون 231 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ھەر خىل «كەسپىي تەربىيە» بېرىلىپ، يىللىق پىلاننى 111.95 % ئورۇندىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۇچلىرىنى يۆتكەشنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك پروگراممىسى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ پىلانى بۇ ئارقىلىق ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ھەم ئۇلارنىڭ نۇپۇس زىچلىقىنى ئاجىزلىتىپ، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ كەلدى. يېقىندا گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشىگە ئائىت بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا ئاساسەن تەييارلانغان. نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەش پروگراممىسىنىڭ ئۇيغۇر نۇپۇسىنى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ زىچلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى مەقسەد قىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ ئۆزىدىن 460 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم «يوتكەپ ئىشقا ئورۇنلاستۇرۇلغان.»
