خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتىمۇ بىر قىسىم ياسالما كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال - خورام قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ زور تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئورگانلارمۇ كۆپەيمەكتە. بۇنداق چاقىرىقلارغا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ساختا تەشۋىقات رەسىملىرى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «خىتاي خەۋەرلەر تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق خەۋەرلەر كەڭ ئورۇن ئالغان. بۇ خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر ھېيتگاھ مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، خىتاي ساياھەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان.
ھالبۇكى، بۇ خىل سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلەردە، ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەيداننىڭ ئەتراپىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق بولۇشى، ئىلگىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدىغان ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا پەقەت خىتاي ساياھەتچىلەر بىلەن رەسىمگە چۈشۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭلا بولۇشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي تاراتقۇلىرى تارقاتقان سۈرەتلەرنىڭ بىرىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيە» گە تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىرى بولۇشى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق تەشۋىقاتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي سەھنىلەشتۈرۈلگەن ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساختا كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
بۇ يىللىق روزى ھېيت مەزگىلىدىمۇ خىتاي دائىرىلىرى ھېيتتىن ئاۋال قەشقەردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا ئوخشاش كىيىم تارقىتىپ بېرىپ ئۇسسۇل مەشىقى قىلدۇرغانلىقى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىدى.