خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى» 18-مارت بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى يەنە ئىنكار قىلغان. بۇ قېتىم دائىرىلەر يىغىندا ئاتالمىش دىنىي زاتلارنى، ئاياللار ۋەكىللىرىنى، پاختىكار ۋە تەتقىقاتچىلارنى سۆزلىتىپ، رايوندا رامزاننىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى رەت قىلغان. يىغىندا يەكەن ناھىيەلىك «ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى، يەكەن ئالتۇنلۇق مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت رايوندا روزا تۇتۇش چەكلەنگەنلىكىنى رەت قىلغان.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «روزا تۇتۇش چەكلەندى، دېيىش غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆسەك سۆزى ۋە تۆھمىتى» ئىكەن. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ھەر يىلى رامزاندا بىمالال روزى تۇتىدىغانلىقى، ئالتۇنلۇق مەسچىتىدە 5 ۋاق ناماز ئوقۇلۇۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ خالىسا تەرەۋى نامىزىغىمۇ قاتنىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ماھمۇت ئابدۇۋەلى «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېيىشنىڭ «بىمەنە سەپسەتە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىقى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزگە ھۇجۇم قىلغان.
ئۇ ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتىدىكى سانلىق ئىستاتېستىكىلارنىڭ توقۇپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى يېقىنقى 2 يىلدا 3 دەن 2 قىسىمدەك ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «ئەركىنلىككە ئېرىشىپ»، «ئىلغارلاشقانلىقى» غا باغلىسىمۇ، بىراق 1-2 يىل ئىچىدە بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشى رېئاللىققا سىغمايدىكەن.