ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئالياسكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى كەسكىن توقۇنۇشقا سەھنە بولدى

ئامېرىكا- خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 18-مارت ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتىدىكى ئانكورىج شەھىرىدە باشلانغان سۆھبىتى كەسكىن توقۇنۇشقا سەھنە بولدى. پرېزىدېنت بايدېن بۇ يىل 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ سودا، جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلىرىدىكى پەرقلىق قاراشلىرىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان بىر ۋاقىتتا خىتاي سۆھبەت ۋەكىلى ياڭ جيېچىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكانى تەنقىد قىلىشى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرگە قىزىق تۇيۇلغان.

يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن خىتاينىڭ «شىنجاڭ، تەيۋەن، خوكوڭدىكى ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان تور ھۇجۇمى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان ئىقتىسادى زورلاش ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ئەمەسلىكى» نى تەكىتلەپ: «بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر بىرى يەرشارى مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان قائىدە-تۈزۈم ئاساسىدىكى تەرتىپكە تەھدىت سېلىپ كەلدى. مانا بۇ سەۋەبتىن بۇلار ئىچكى مەسىلىلەر ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن بىز بۇنى بۈگۈن بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇش مەسئۇلىيىتى ھېس قىلدۇق» دەپ تەكىتلىگەن.

بۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تاراتقۇلار ئالدىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرى» ئۇنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىشىدۇر. يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان خىتاي تەرەپنى تېخىمۇ كەسكىن تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ «ئاساسىي قىممەت قارىشىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى»، ئامېرىكانىڭ «توقۇنۇشنى خالىمايدىغانلىقى»، بىراق «كەسكىن رىقابەتنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئەمما، ياڭ جيېچى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزلىرىگە دىپلوماتىيەلىك قائىدىدىن چەتنىگەن ھالدا ئاچچىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانى ئەيىبلىگەن.

ئۇ، «ئامېرىكانىڭ ئۆز ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى توختىتىشى» نى تەلەپ قىلىپ: «خىتاي ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن. 19-مارت ئاخىرلاشقان بۇ يىغىنغا خىتاي تەرەپكە ۋاكالىتەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ياڭ جيېچى بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتناشقانىدى.