1 - ئۆكتەبىر كۈنى خوڭ كوڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇستەقىللىققا ئائىت شوئارلار پەيدا بولدى.


1 - ئۆكتەبىر خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان شوئارلار ئېسىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئۆكتەبىر كۈنى خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرى ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 67 يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خوڭكوڭدىكى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 15 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەركىزى قىسمىغا خىتاي ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا «خوڭكوڭ مۇستەقىللىقى» ناملىق شوئار ئېسىلغان. خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان خوڭكوڭ مىللىي پارتىيىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ شوئار لەۋھەسىنى لايىھىلىگەنلىكى ۋە تەمىنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم ئەۋەتىپ ئاستۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئاسقان ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپ دائىرىلىرى تېزلىك بىلەن بۇ شوئارلارنى ئېلىۋەتكەن.

يۇقىرقىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى دېموكراتىيە تاملىرىغىمۇ خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىغا ئائىت ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە شوئارلار چاپلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بەزى مەكتەپلەردە خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىش پىكىرلىرى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان.