خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىندا ئاپەتكە ئۇچرىغان سىچۈەنلىكلەرگە ياردەم بېرىش - بەرمەسلىك مەسىلىسى غۇلغۇلا قىلىنماقتا

ئالدىنقى كۈنى سچۈەننىڭ يائەن دېگەن جايىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوڭكوڭ رايون باشلىقى پارلامېنت مالىيە كومىتېتىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۈچۈن 79مىليون، 610 مىڭ سوم ياردەم پۇلى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋمېن ھۆكۈمىتىمۇ مەزكۇر ئاپەت رايونىغا 77مىليون 300 مىڭ سوم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ نۆۋەتتە خوڭكوڭ ۋە ئاۋمىندىكى ئاخبارات ۋە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كىشىلەر، ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلسا، پۇلنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا يېتىپ بارالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ پۇللارنىڭ زۇلۇمغا ۋاستە بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى تالاش - تارتىش قىلىشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى سىچۈەن ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندە، خوڭكوڭلۇقلار، مەزكۇر جايغا مەكتەپ سېلىپ بەرگەن، ئەمما بۇ مەكتەپ ئىككى يىلدىن كېيىن چېقىۋېتىلىپ ئورنىغا بىر سودا بازىرى سېلىنغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار تىلغا ئېلىنغان مۇنازىرىلەردە، بەزىلەر چىرىك ئەمەلدارلار بىلەن تولغان چوڭ قۇرۇقلۇققا پەقەتلا ياردەم قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزىلەر، ئىئانە پۇلىنى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا تۇتقۇزماسلىق، ئاممىۋىي تەشكىلار ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قولىغا بىۋاستە يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بەزىلەر ئىئانە توپلاش، ئەمما پۇلنى ئەۋەتىشنى كەينىگە كېچىكتۈرۈش يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا بىۋاستە يەتكۈزگىلى بولىدىغان بىر يول ۋە پۇرسەتنى كۈتۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.