خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلى» ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش پىكرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئارتقان. 569 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، 28 % ئوقۇغۇچى خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل مۇستەقىللىقنى قوللىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن 15 % ئاشقان ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» نى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئۆتكەن يىلقىدىن ئازايغان.
2014 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە 68 % ئوقۇغۇچى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈپ» خوڭكوڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى، دەپ قارىغان. ھالبۇكى، بۇ يىل مەزكۇر تۈزۈمنى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى 53 % گە چۈشكەن.
يېقىندا، خوڭكوڭ ۋالىسى لياڭ جېنيىڭ بۆلۈنۈپ چىقىش پىكرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلا ژۇرنىلىنى مۇستەقىللىق تەرغىباتى قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى. راي سىناش بۇ يىل 24 - يانۋاردىن 5 - فېۋرالغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان.