خوڭكوڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تور بۇزارلارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى


خوڭكوڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن بايانات بېرىپ، مەكتەپتە بايقالغان خىتاي تور بۇزارلىرىغا چېتىشلىق ئى پ ئادرىسىنى ئېنىقلاش ھەققىدە ساقچى دائىرىلىرىگە ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى، ھازىر بۇ ئىشنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تور بېكىتى 19 - فېۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان تور بۇزارلار ھۇجۇمى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا خىتايدىن كېلىۋاتقان 141 قېتىملىق تور ھۇجۇمىنىڭ شاڭخەيدىكى 12 قەۋەتلىك بىر بىنادىن كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ بىنانىڭ 61398 - قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان 614 نۇقتىدىكى ئى پ ئادرېسىنىڭ 613 نۇقتىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر ئى پ ئادرېسىنىڭ خوڭكوڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.