خوڭكوڭدا يەنە نامايىش يۈز بەردى


يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە دېموكراتىك تەلەپ نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى نامايىشقا 13مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق ساقچى تەرەپ ئەمەلىيەتتە 6 مىڭدىن 8 مىڭغىچە ئادەم قاتناشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەسلىدە نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنىڭ 50 مىڭغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدى، ئەمما نامايىشچىلار سانى مۆلچەرلىگەنگە يەتمىگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرتىپ ساقلاش ئۈچۈن 2 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ئاجرىتىلغان.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئاساسلىق تەشكىلات، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كىشىلىك، ھوقۇق بىرلىك سېپى بولۇپ، ئۇلار :«بىزگە ساختا دېموكراتىيە كېرەك ئەمەس، بىزگە ئاممىۋى سايلام كېرەك» دېگەن شوئارنى توۋلىغان.

بۇ قېتىم نامايىشچىلار سېرىق رەڭلىك كۈنلۈك كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى لياڭ جېنيۈنى «تەختتىن چۈش»، دەپ شوئار توۋلىغان.

ئەمما، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلەش پائالىيىتى قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.